چېچىنىيە بۆلگۈنچىسى مېترو پارتىلتىش ۋەقەسىگە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

بۇ 31-مارت ئالاقە تورىدىكى چېچىنىيە بۆلگۈنچىلىرىنىڭ كاتتىبىشى دۇك.ئۆمەروفنىڭ بايانات ئېلان قىلغاندىكى كىسۋىلىنگەن ۋىدېئو سۆرىتى. دۇك.ئۇمالوف بايانات ئېلان قىلىپ، موسكۋا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىككى قىتىملىق مېترو پارتىلتىش ۋەقەسىنى ئۆزى قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان، ھەمدە «بۇ ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم ئەمەس» دېگەن.

ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى SITE يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، ئۆمەروف ئېنىق قىلىپ مېترونى پارتىلىتىش ۋەقەسىنى ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ، ھەمدە ، رۇسىيەگە داۋاملىق تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئۆمەروف يەنە ئالدىنقى ئايدا تەھدىت سېلىپ ، ئۆزىنىڭ پات ئارىدا رۇسىيەگە ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتقان .

2000 ــ يىلى ، رۇسىيە ئارمىيىسى چېچېنغا كىرىشتىن بۇرۇن ، ئۆمەروف چېچېن ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان بولۇپ ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ، ئۆمەروف باشتىن ــ ئاخىر چېچېن قانۇنسىز قوراللىقلىرىنىڭ رەھبىرى ، چېچېن ئاسىي بۆلگۈنچى كۈچلىرى ئارىسىدا ، يېتەرلىك تەسىر دائىرىسىگە ئىگە شەخىسلەرنىڭ بىرى بولغان .
ۋەقە يۈز بېرىپ ھازىرغا قەدەر ، 39 ئادەم قازا قىلىپ ، 95 ئادەم يارىلانغان .

مەنبە:شىنخۇا تورى
2010-يىلى1-ئاپرىل