
ئامېرىكىدىكى ‹‹دۆلەت مەسلىھەتچىسى گېزىتى›› بىلەن ‹‹يەر شارى گېزىتى›› يېقىندا ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ 2004 –يىلىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە ئايال ياردەمچىسى ۋېرا بىك بىلەن ئىچ–پەش تارتىشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئوبامانىڭ ئايال ياردەمچىسى بىلەن بولغان بۇ سەتچىلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە بىرەر ‹‹ماددىي ئىسپات›› تېپىلمىغان.
ۋېرا بىك يېقىندا مارتىنىك ئارىلىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئوبامانىڭ ‹‹ئاشنا›› سى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ: ‹‹بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى›› دېگەن.
ئۇ يەنە: ‹‹مەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئەينى چاغدا ئوبامانىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇشىنى قوللىغان، بۇنىڭدىن باشقا ئىش يوق. مەن مارتىنىك ئارىلىدىكى بىر ئەرگە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن، بىرەر ئىشتىن قېچىپ بۇ يەرگە كەلگىنىم يوق›› دېگەن.
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى
2010-يىلى6-ماي